18ئۇلار بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغاندا، ئەيىبلەشتىن توختاپ، خۇداغا مەدھىيە ئوقۇپ: ــ بەرھەق، خۇدا ئەللەرگىمۇ ھاياتلىققا ئېلىپ بارىدىغان توۋا قىلىشنى نېسىپ قىلىپتۇ! ــ دېيىشتى.
19ئۇ چاغدا، ئىستىپاننىڭ ئىشى بىلەن زىيانكەشلىككە ئۇچراپ ھەرقايسى جايلارغا تارقىلىپ كەتكەنلەر فەنىكىيە رايونى، سىپرۇس ئارىلى ۋە ئانتاكيا شەھىرى قاتارلىق جايلارغىچە يېتىپ بېرىپ، بۇ جايلاردا سۆز-كالامنى پەقەت يەھۇدىيلارغىلا يەتكۈزەتتى.
20لېكىن ئۇلاردىن سىپرۇس ئارىلى ۋە كۇرىنى شەھىرىدىن كەلگەن بەزىلەر ئانتاكيا شەھىرىگە بارغاندا، رەب ئەيسانىڭ خۇش خەۋىرىنى گرېكلەرگىمۇ يەتكۈزدى.
21رەبنىڭ قولى ئۇلار بىلەن بىللە بولۇپ، تولىمۇ نۇرغۇن كىشىلەر ئىشىنىپ توۋا قىلىپ رەبگە باغلاندى.