Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى - روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 10

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 10:5-22

Help us?
Click on verse(s) to share them!
5ئەمدى سەن يوپپاغا ئادەم ئەۋەتىپ، پېترۇس دەپمۇ ئاتىلىدىغان سىمون ئىسىملىك ئادەمنى چاقىرتىپ كەل.
6ئۇ سىمون ئىسىملىك بىر كۆنچىنىڭ ئۆيىدە مېھمان بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ. سىموننىڭ ئۆيى دېڭىز بويىدا، ــ دېدى.
7ئۇنىڭغا سۆزلىگەن پەرىشتە كەتكەندىن كېيىن، كورنىلىي ئۆيدىكى خىزمەتچىلەردىن ئىككىنى ۋە دائىم يېنىدا تۇرۇپ خىزمەت قىلغۇچىلار ئىچىدىكى ئىخلاسمەن بىر لەشكەرنى چاقىردى.
8بارلىق ئىشلارنى چۈشەندۈرگەندىن كېيىن، ئۇلارنى يوپپاغا ئەۋەتتى.
9ئەتىسى ئۇلار سەپەر قىلىپ شەھەرگە يېقىنلاشقاندا، چۈش ۋاقتى بولۇپ، پېترۇس دۇئا قىلىش ئۈچۈن ئۆگزىگە چىقتى.   
10ئۇنىڭ قورسىقى ئېچىپ كېتىپ، بىر نەرسە يەي دېدى. بىراق ئۇلار غىزا تەييارلاۋاتقاندا، غايىبانە بىر ئالامەت پېترۇسنى ئورۇۋالدى.
11ئۇ ئاسمان ئېچىلىپ، تۆت بۇرجىكىدىن باغلانغان ھالدا يەر يۈزىگە چۈشۈرۈلۈۋاتقان كەڭ داستىخاندەك بىر نەرسىنى كۆردى.
12داستىخاندا ھەرخىل تۆت پۇتلۇق ھايۋانلار، يەر بېغىرلىغۇچىلار، ئاسماندىكى ئۇچار‫‪‎-‎‬‬قاناتلارمۇ بار ئىدى.
13ئۇنىڭغا بىر ئاۋاز ئاڭلاندى‫‪:‬‬ ــ «ئورنۇڭدىن تۇر، پېترۇس، ئۇلاردىن سويۇپ يە!»
14ــ ياق، رەب، ھەرگىز بولمايدۇ! مەن ھېچقاچان ھېچقانداق ناپاك ياكى ھارام نەرسىنى يېگەن ئەمەسمەن! ــ دېدى پېترۇس.  
15ئاۋاز ئىككىنچى قېتىم كېلىپ ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ خۇدا ھالال دەپ پاكلىغاننى سەن ھارام دېمە! ــ دېيىلدى.
16بۇ ئىش ئۈچ قېتىم يۈز بېرىپ، ئاندىن داستىخاندەك بولغان شۇ نەرسە دەرھال ئاسمانغا ئېلىپ چىقىپ كېتىلدى.
17پېترۇس كۆرگەن غايىبانە ئالامەتنىڭ مەنىسى توغرىسىدا قايمۇقۇپ تۇرغاندا، مانا كورنىلىي ئەۋەتكەن كىشىلەر سىموننىڭ ئۆيىنى تېپىپ، دەرۋازا ئالدىدا تۇراتتى.
18ئۇلار بىرسىنى چاقىرىپ، ئۇنىڭدىن پېترۇس دەپمۇ ئاتىلىدىغان سىمون دېگەن بىرسى بۇ يەردە تۇرامدۇ؟ ــ دەپ سورىدى.
19پېترۇس تېخىچە شۇ غايىبانە ئالامەتنىڭ مەنىسى ئۈستىدە ئويلىنىۋاتقاندا، روھ ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ مانا، سېنى ئۈچ ئادەم ئىزدەپ كەلدى.
20ئورنۇڭدىن تۇر، پەسكە چۈش، ھېچ ئىككىلەنمەي ئۇلار بىلەن بىللە بارغىن. چۈنكى ئۇلارنى ئەۋەتكۈچى مەن! ــ دېدى.
21پېترۇس پەسكە چۈشۈپ، ھېلىقى ئادەملەرگە‫‪:‬‬ ــ سىلەر ئىزدىگەن كىشى مانا مەن بولىمەن. بۇ يەرگە كېلىش سەۋەبىڭلار نېمىكىن؟ ــ دېدى.
22ئۇلار جاۋابەن‫‪:‬‬ ــ ھەققانىي بىر ئادەم، خۇدادىن قورقىدىغان، شۇنداقلا پۈتكۈل يەھۇدىي خەلقى تەرىپلىگەن كورنىلىي ئىسىملىك رىملىق يۈزبېشى مۇقەددەس بىر پەرىشتە تەرىپىدىن سىزنى ئۆيىگە چاقىرتىپ، سىزدىن سۆز‫‪‎-‎‬‬كالام ئاڭلاشقا ئەمر قىلىنغان! ــ دېدى.

Read روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 10روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 10
Compare روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 10:5-22روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 10:5-22