26لېكىن پېترۇس دەرھال ئۇنى يۆلەپ تۇرغۇزۇپ: ــ ئورنۇڭدىن تۇرغىن! مەنمۇ بىر ئىنسان، خالاس! ــ دېدى.
27ئۇ كورنىلىيگە گەپ قىلغاچ ئۆيگە كىرىۋىدى، ئۆينىڭ ئىچىگە يىغىلغان توپ-توپ ئادەملەرنى كۆردى.
28ئۇ ئۇلارغا: ــ سىلەرگە مەلۇمكى، بىز يەھۇدىيلارنىڭ يات ئەللىكلەردىن بىرسى بىلەن باردى-كەلدى قىلىشى ياكى ئۆيلىرىگە كىرىشى تەۋرات قانۇن-ئەقىدىلىرىمىزگە خىلاپ. لېكىن خۇدا ماڭا ھېچقانداق ئادەمنى ناپاك ياكى ھارام دېمەسلىكىم كېرەكلىكىنى ئايان قىلدى.
29شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەر ئادەم ئەۋەتىپ مېنى چاقىرغاندا، ھېچ رەت قىلماي ئالدىڭلارغا كەلدىم. ئەمدى سوراي، مېنى نېمە دەپ چاقىردىڭلار؟ ــ دېدى.