Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى - روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 10

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 10:17-25

Help us?
Click on verse(s) to share them!
17پېترۇس كۆرگەن غايىبانە ئالامەتنىڭ مەنىسى توغرىسىدا قايمۇقۇپ تۇرغاندا، مانا كورنىلىي ئەۋەتكەن كىشىلەر سىموننىڭ ئۆيىنى تېپىپ، دەرۋازا ئالدىدا تۇراتتى.
18ئۇلار بىرسىنى چاقىرىپ، ئۇنىڭدىن پېترۇس دەپمۇ ئاتىلىدىغان سىمون دېگەن بىرسى بۇ يەردە تۇرامدۇ؟ ــ دەپ سورىدى.
19پېترۇس تېخىچە شۇ غايىبانە ئالامەتنىڭ مەنىسى ئۈستىدە ئويلىنىۋاتقاندا، روھ ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ مانا، سېنى ئۈچ ئادەم ئىزدەپ كەلدى.
20ئورنۇڭدىن تۇر، پەسكە چۈش، ھېچ ئىككىلەنمەي ئۇلار بىلەن بىللە بارغىن. چۈنكى ئۇلارنى ئەۋەتكۈچى مەن! ــ دېدى.
21پېترۇس پەسكە چۈشۈپ، ھېلىقى ئادەملەرگە‫‪:‬‬ ــ سىلەر ئىزدىگەن كىشى مانا مەن بولىمەن. بۇ يەرگە كېلىش سەۋەبىڭلار نېمىكىن؟ ــ دېدى.
22ئۇلار جاۋابەن‫‪:‬‬ ــ ھەققانىي بىر ئادەم، خۇدادىن قورقىدىغان، شۇنداقلا پۈتكۈل يەھۇدىي خەلقى تەرىپلىگەن كورنىلىي ئىسىملىك رىملىق يۈزبېشى مۇقەددەس بىر پەرىشتە تەرىپىدىن سىزنى ئۆيىگە چاقىرتىپ، سىزدىن سۆز‫‪‎-‎‬‬كالام ئاڭلاشقا ئەمر قىلىنغان! ــ دېدى.
23شۇڭا پېترۇس ئۇلارنى ئۆيگە تەكلىپ قىلىپ، قوندۇرۇپ مېھمان قىلدى. ئەتىسى ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇ ئۇلار بىلەن بىللە يولغا چىقتى. يوپپادىكى قېرىنداشلاردىن بەزىلىرى ئۇلارغا ھەمراھ بولۇپ ماڭدى.
24ئىككىنچى كۈنى، ئۇلار قەيسەرىيەگە يېتىپ باردى. ئەمدى كورنىلىي تۇغقانلىرى ۋە يېقىن يار‫‪‎-‎‬‬بۇرادەرلىرىنى ئۆيىگە چاقىرىپ، پېترۇسلارنى تەققەزارلىق بىلەن كۈتۈپ تۇراتتى.
25پېترۇس ئۆيگە كىرگەندە، كورنىلىي ئالدىغا چىقىپ، ئايىغىغا ئۆزىنى ئېتىپ سەجدە قىلدى.

Read روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 10روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 10
Compare روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 10:17-25روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 10:17-25