Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - باتۇر ھاكىملار - باتۇر ھاكىملار 8

باتۇر ھاكىملار 8:1-10

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1(كېيىن، ئەفرائىملار ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ سەن نېمىشقا بىزگە شۇنداق مۇئامىلە قىلىسەن، مىدىيانىيلار بىلەن سوقۇشقا چىققاندا، بىزنى چاقىرمىدىڭغۇ، دەپ ئۇنىڭ بىلەن قاتتىق دېيىشىپ كەتتى.
2ئۇ ئۇلارغا جاۋابەن‫‪:‬‬ ــ مېنىڭ قىلغانلىرىمنى قانداقمۇ سىلەرنىڭ قىلغىنىڭلارغا تەڭلەشتۈرگىلى بولسۇن؟ ئەفرائىمنىڭ ئۈزۈملەرنى پاساڭدىغىنى، ئابىئېەزەرلەرنىڭ ئۈزۈم ئۈزگىنىدىن ئارتۇق ئەمەسمۇ؟
3خۇدا مىدىياننىڭ ئەمىرلىرى ئورەب بىلەن زەئەبنى قولۇڭلارغا تاپشۇرغان يەردە، مېنىڭ قولۇمدىن كەلگىنىنى قانداقمۇ سىلەرنىڭ قىلغىنىڭلارغا تەڭلەشتۈرگىلى بولسۇن؟ ــ دېدى. شۇنداق دېۋىدى، ئۇلارنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ئاچچىقى ياندى).
4ئەمدى گىدېئون ئىئوردان دەرياسىنىڭ بويىغا يېتىپ كەلدى. ئۇ ۋە ئۆزىگە ھەمراھ بولغان ئۈچ يۈز ئادەم ھېرىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۇلار يەنىلا مىدىيانىيلارنى قوغلاپ دەريادىن ئۆتتى.
5گىدېئون سۇككوت شەھىرىدىكىلەرگە‫‪:‬‬ ــ ماڭا ھەمراھ بولۇپ كەلگەن كىشىلەرگە نان بەرسەڭلار، چۈنكى ئۇلار ھېرىپ‫‪‎-‎‬‬چارچاپ كەتتى. بىز مىدىياننىڭ ئىككى پادىشاھى زەباھ ۋە زالمۇننانى قوغلاپ كېتىپ بارىمىز، ــ دېدى.
6لېكىن سۇككوتنىڭ چوڭلىرى جاۋاب بېرىپ‫‪:‬‬ ــ زەباھ ۋە زالمۇننا ھازىر سېنىڭ قولۇڭغا چۈشتىمۇ؟! بىز سېنىڭ مۇشۇ لەشكەرلىرىڭگە نان بېرەمدۇق؟! ــ دېدى.
7گىدېئون‫‪:‬‬ ــ خەپ! شۇنداق بولغىنى ئۈچۈن پەرۋەردىگار زەباھ ۋە زالمۇننانى مېنىڭ قولۇمغا تاپشۇرغاندا، ئەتلىرىڭلارنى چۆلدىكى يانتاق ۋە شوخا بىلەن خاماندا تېپىمەن، ــ دېدى.
8گىدېئون ئۇ يەردىن پەنۇئەلگە بېرىپ، ئۇ يەردىكى ئادەملەرگىمۇ شۇنداق دېۋىدى، پەنۇئەلدىكى كىشىلەرمۇ ئۇنىڭغا سۇككوتتىكىلەردەك جاۋاب بەردى.
9ئۇ پەنۇئەلدىكىلەرگە‫‪:‬‬ ــ مەن غەلىبە بىلەن يېنىپ كەلگىنىمدە، بۇ مۇنارىڭلارنى ئۆرۈۋېتىمەن، ــ دېدى.
10ئۇ چاغدا زەباھ ۋە زالمۇننا كاركور دېگەن جايدا ئىدى؛ ئۇلار بىلەن ماڭغان قوشۇندا ئون بەش مىڭچە لەشكەر بار ئىدى. بۇلار بولسا مەشرىقلىقلەرنىڭ پۈتكۈل قوشۇنىدىن قېلىپ قالغانلىرى ئىدى، چۈنكى ئۇلاردىن قىلىچ تۇتقانلىرىدىن بىر يۈز يىگىرمە مىڭى ئۆلتۈرۈلگەنىدى.

Read باتۇر ھاكىملار 8باتۇر ھاكىملار 8
Compare باتۇر ھاكىملار 8:1-10باتۇر ھاكىملار 8:1-10