20ئاندىن خۇدانىڭ پەرىشتىسى ئۇنىڭغا: ــ بۇ گۆش بىلەن پېتىر نانلارنى ئېلىپ بېرىپ، مۇشۇ يەردىكى قورام تاشنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، شورپىنى تۆككىن، ــ دېۋىدى، ئۇ شۇنداق قىلدى.
21پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى قولىدىكى ھاسىنى ئۇزىتىپ ئۇچىنى گۆش بىلەن پېتىر نانلارغا تەككۈزىۋىدى، قورام تاشتىن ئوت چىقىپ، گۆش بىلەن پېتىر نانلارنى يەپ كەتتى. شۇ ھامان پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىمۇ ئۇنىڭ كۆزىدىن غايىب بولدى.
22شۇنىڭ بىلەن گىدېئون ئۇنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئىكەنلىكىنى بىلىپ: ــ ئاپلا، ئى رەب پەرۋەردىگار! چاتاق بولدى، چۈنكى مەن پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى بىلەن يۈزمۇيۈز كۆرۈشۈپ قالدىم...! ــ دېدى.