Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - باتۇر ھاكىملار - باتۇر ھاكىملار 5

باتۇر ھاكىملار 5:15-21

Help us?
Click on verse(s) to share them!
15ئىسساكارنىڭ ئەمىرلىرى دەبوراھغا قوشۇلدى؛ باراق نېمە قىلغان بولسا ئىسساكارمۇ شۇنداق قىلىپ، ئۇنىڭ كەينىدىن جىلغىغا تاپ باستۇرۇپ ئېتىلىپ چۈشتى! رۇبەننىڭ ئائىلە‫‪‎-‎‬‬جەمەتلىرىدىكىلەرنىڭ ئارىسىدا شۇنچە ئۇلۇغ نىيەتلەر قەلبلىرىگە پۈكۈلگەنىدى!
16سەن نېمىشقا قوتانلارنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ، قويلارغا چېلىنغان نەينىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاشنى خالاپ قالدىڭ؟ رۇبەننىڭ ئائىلە‫‪‎-‎‬‬جەمەتلىرىدىكىلەرنىڭ ئارىسىدا شۇنچە ئۇلۇغ نىيەتلەر قەلبلىرىگە پۈكۈلگەنىدى!
17گىلېئادلار بولسا ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىدە تۇرۇپ قالدى؛ دانلارمۇ نېمىشقا كېمىلەرنىڭ يېنىدا توختاپ قالدى؟ ئاشىرلار بولسا دېڭىز بويىدا جىم ئولتۇرۇۋالدى، دېڭىز قولتۇقلىرىدا تۇرۇپ قالدى.
18زەبۇلۇنلار جانلىرىنى ئۆلۈمگە تەۋەككۈل قىلدى؛ نافتالىلارمۇ جەڭ مەيدانىدىكى يۇقىرى جايلاردا ھەم شۇنداق قىلدى!
19پادىشاھلار ھەممىسى كېلىپ، سوقۇشتى، قانائانىيلارنىڭ پادىشاھلىرىمۇ ئۇرۇشقا چىقتى؛ تائاناقتا، مېگىددونىڭ سۇ بويلىرىدا ئۇرۇشتى. لېكىن بىرئازمۇ كۈمۈش ئولجا ئالالمىدى!
20ئاسمانلاردا يۇلتۇزلارمۇ جەڭ قىلدى، ئوربىتىلىرىدىن سىسېراغا قارشى جەڭگە ئاتلاندى.
21كىشون دەرياسىنىڭ ئېقىنى دۈشمەننى ئېقىتىپ كەتتى؛ شۇ قەدىمىي دەريا، ئۇ كىشون دەرياسىدۇر! ئەي مېنىڭ جېنىم، پۈتۈن كۈچۈڭ بىلەن ئالغا باسقىن!

Read باتۇر ھاكىملار 5باتۇر ھاكىملار 5
Compare باتۇر ھاكىملار 5:15-21باتۇر ھاكىملار 5:15-21