Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - باتۇر ھاكىملار - باتۇر ھاكىملار 2

باتۇر ھاكىملار 2:2-11

Help us?
Click on verse(s) to share them!
2لېكىن سىلەر بۇ زېمىننىڭ خەلقى بىلەن ھېچقانداق ئەھدە باغلىماڭلار، بەلكى ئۇلارنىڭ قۇربانگاھلىرىنى بۇزۇپ تاشلىشىڭلار كېرەك» ــ دېگەنىدىم؛ لېكىن سىلەر مېنىڭ ئاۋازىمغا قۇلاق سالمىدىڭلار. بۇ سىلەرنىڭ نېمە قىلغىنىڭلار؟!
3شۇڭا مەن شۇ چاغدا سىلەرگە‫‪:‬‬ «شۇنداق قىلساڭلار ئۇلارنى سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردىن قوغلىۋەتمەيمەن؛ ئۇلار بىقىنىڭلارغا يانتاق بولۇپ سانجىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرى سىلەرگە تور‫‪‎-‎‬‬تۇزاق بولىدۇ» ــ دەپ ئاگاھلاندۇردۇم، ــ دېدى.  
4پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى بارلىق ئىسرائىللارغا بۇلارنى دېگەندە، ئۇلار ئۈن سېلىپ يىغلاپ كېتىشتى.
5شۇنىڭ بىلەن بۇ جاينىڭ نامى «بوكىم» دەپ قويۇلدى؛ ئۇلار شۇ يەردە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ قۇربانلىقلارنى سۇندى.
6يەشۇئا خەلقنى تارقىتىۋېتىۋىدى، ئىسرائىللار ھەرقايسىسى ئۆزلىرىگە مىراس قىلىنغان زېمىننى ئىگىلەش ئۈچۈن قايتىپ كېتىشتى.
7يەشۇئانىڭ پۈتكۈل ھايات كۈنلىرىدە، شۇنداقلا يەشۇئادىن كېيىن قالغان، پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىل ئۈچۈن قىلغان ھەممە كارامەت ئەمەللىرىنى ئوبدان بىلگەن ئاقساقاللارنىڭ پۈتكۈل ھايات كۈنلىرىدىمۇ ئىسرائىل خەلقى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادىتىدە بولۇپ تۇردى.
8ئەمدى نۇننىڭ ئوغلى، پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى يەشۇئا بىر يۈز ئون يېشىدا ۋاپات بولدى.
9ئۇلار ئۇنى ئېلىپ بېرىپ، ئەفرائىم تاغلىق رايونىدا، گائاش تېغىنىڭ شىمال تەرىپىدىكى ئۆز مىراس ئۈلۈشى بولغان تىمنات‫‪‎-‎‬‬سېراھ دېگەن جايدا دەپنە قىلدى.
10بۇ دەۋردىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆلۈپ ئۆز ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرىغا قوشۇلۇپ كەتتى؛ ئۇلاردىن كېيىن پەرۋەردىگارنىمۇ تونۇمايدىغان، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئىسرائىل ئۈچۈن قىلغان ئەمەللىرىنى بىلمىگەن بىر دەۋر پەيدا بولدى.
11شۇنىڭدىن تارتىپ ئىسرائىل پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلىپ بائال‫‪‎-‎‬‬بۇتلارنىڭ ئىبادىتىگە كىرىشتى.

Read باتۇر ھاكىملار 2باتۇر ھاكىملار 2
Compare باتۇر ھاكىملار 2:2-11باتۇر ھاكىملار 2:2-11