Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - باتۇر ھاكىملار - باتۇر ھاكىملار 10

باتۇر ھاكىملار 10:7-12

Help us?
Click on verse(s) to share them!
7شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى ئىسرائىلغا قوزغىلىپ، ئۇلارنى فىلىستىيلەرنىڭ ۋە ئاممونىيلارنىڭ قولىغا تاشلاپ بەردى.
8بۇلار بولسا شۇ يىلى ئىسرائىللارنى قاتتىق بېسىپ ئەزدى؛ ئاندىن ئۇلار ئىئوردان دەرياسىنىڭ مەشرىق تەرىپىدە ئامورىيلارنىڭ زېمىنىدىكى گىلېئادتا ئولتۇرۇشلۇق بارلىق ئىسرائىل خەلقىگە ئون سەككىز يىلغىچە زۇلۇم قىلدى.
9ئاممونىيلار يەنە ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، يەھۇدا، بىنيامىن ۋە ئەفرائىم جەمەتىگە قارشى ھۇجۇم قىلدى‫‪:‬‬ شۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل ئىسرائىل قاتتىق ئازابلاندى.
10شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار پەرۋەردىگارغا پەرياد قىلىپ‫‪:‬‬ ــ بىز ساڭا گۇناھ قىلدۇق، ئۆز خۇدايىمىزنى تاشلاپ، بائال بۇتلىرىنىڭ قۇللۇقىغا كىرىپ كەتتۇق، دېدى.
11پەرۋەردىگار ئىسرائىللارغا‫‪:‬‬ ــ مەن سىلەرنى مىسىرلىقلاردىن، ئامورىيلاردىن، ئاممونىيلاردىن ۋە فىلىستىيلەردىن قۇتقۇزغان ئەمەسمىدىم؟
12زىدونىيلار، ئامالەكلەر ۋە مائونلار كېلىپ سىلەرگە زۇلۇم قىلغىنىدا، ماڭا پەرياد قىلغىنىڭلاردا سىلەرنى ئۇلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغان ئەمەسمىدىم؟

Read باتۇر ھاكىملار 10باتۇر ھاكىملار 10
Compare باتۇر ھاكىملار 10:7-12باتۇر ھاكىملار 10:7-12